پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۇيلىرى
باش بەت

بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆس

يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-26 15:28 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار 1. بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇلارغا كۆپ سۆزلەپ بېرىش كېرەك. ئا

 

بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

  1. بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇلارغا كۆپ سۆزلەپ بېرىش كېرەك. ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلار پىكىر ئالماشتۇرغاندا، سىزنىڭ سۆزلىگەن ھەر بىر سۆزىڭىز، ھەر بىر يېڭى ئىشىڭىز  بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاتا – ئانىلار ئۇلارغا كۆپ سۆزلەپ بەرسە، بالىلار ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ.

     2. بالىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە مەدەت بېرىش كېرەك. بالىلارنى تەربىيىلەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل  بالىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. ھازىر كىشىلەردە بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا نىسبەتەن بىر خىل خاتا قاراش بار، ئۇلار بىلىم توپلاش بىلەن ئەقىللىق بولۇشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئەقىل ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. مۇبادا، پەقەت بالىلارنىڭ مېڭىسىگە بىلىملا قاچىلاپ، ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگەتمىگەندە، بالىلارنى ئەقىللىق قىلىپ تەربىيىلىگىلى بولمايدۇ.

     3. بالىلارنى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ماھىر بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئېينىشتىيىن ‹‹بىرەر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشتىنمۇ مۇھىم›› دېگەنىدى، شۇڭا بالىلارنى ئەقىللىق تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۇلارنى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ماھىر قىلىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك.

     4. بالىلارغا بېسىم قىلماسلىق كېرەك. بېسىم بالىلارنىڭ پسىخىكىسىغا ئەكس تەسىر قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا – ئانىلار بالىلارغا كۆيۈنۈپ غەمخورلۇق قىلغاندا، بالىلارنىڭ نېرۋىسى جانلىنىپ كېتىدىكەن. شۇڭا خۇشاللىق بالىلارنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان مەنبە ھېسابلىنىدىكەن.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر