پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۇيلىرى
باش بەت

كىچىك بالىلار ئۇخلىغاندا ، كىيىم ي

يوللانغان ۋاقتى: 2010-07-26 15:27 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
كىچىك بالىلار ئۇخلىغاندا ، كىيىم يوتقاننىڭ رولىنى ئۆتىسە بولامدۇ ؟ بەزى ئاتا ئانىلار بوۋاققا سوغۇق ئۆتۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، دائىم ب

كىچىك بالىلار ئۇخلىغاندا ، كىيىم يوتقاننىڭ رولىنى ئۆتىسە بولامدۇ ؟

بەزى ئاتا –ئانىلار بوۋاققا سوغۇق ئۆتۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، دائىم بالىسىغا يۇڭ پوپايكا ، پاختىلىق جىلىتكە قاتارلىقلارنى كىيگۈزۈپ ئۇخلىتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا بولۇپلا قالماي ، يەنە بوۋاققا زىيانلىق .

   ئادەتتە ، ئادەم ئۇخلىغاندا مۇسكۇلنىڭ بوشىشى ئەڭ روشەن بولىدۇ . ئالدى بىلەن كۆز ۋە يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشى بىلەن كۆز يۇمۇلىدۇ ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ، پۇت – قول ، گەۋدە مۇسكۇللىرى تەبئىي ھالدا بوشاشقا باشلايدۇ . قانچە ئۇيقۇغا كەتكەنسېرى پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشى شۇنچە مۇكەممەل بولىدۇ .

   ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن بوۋاققا كىيىمنى بەك قېلىن كىيگۈزىۋەتكەندە ، بالىنىڭ گەۋدىسىنى ئورىۋالىدۇ –دە ، قان ئايلىنىشى ئاستىلاپ ، نەپەس ئېلىشى راۋان بولمايدۇ ، يەنە ئاسان چۈش كۆرىدۇ ، ئويغانغاندا بولسا ئىچى سىقىلىش ھېس قىلىدۇ . بۇ خۇددى چوڭلار ئۇخلىغاندا ئىككى قولىنى مەيدىسىگە قويۇۋالغاندا ، يۈرەكنى ، ئۆپكىنى ، قان تومۇرلارنى بېسىۋېلىش بىلەن قارا بېسىش ، نەپەس توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىش ، يەنە ۋارقىراپ جۆيلۈش ئويغانغاندا بولسا قارا تەرگە چۆمۈش ، ئىچى سىقىلىش ، قورقۇش ئالامەتلىرى بولغانغا ئوخشايدۇ .

  ئەگەر كىيىم يوتقاننىڭ رولىنى ئۆتىگەندە ، بالا ناھايتى ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا بوۋاقنى ئۇخلىتىشتىن بۇرۇن ئامال بار نېپىزراق كىيىم كىيدۈرۈپ ئۇخلىتىش لازىم .

‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر